دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بۇركىنا فاسودا مىڭلارچە ئائىلىگە قۇربانلىق گۆشى تارقاتتى

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە  دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى بۇركىنا فاسودا 125 مىڭ ئاىلىگە قۇربانلىق گۆشى تارقاتتى.

1854658
دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بۇركىنا فاسودا مىڭلارچە ئائىلىگە قۇربانلىق گۆشى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە  دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى خادىملىرى بىلەن پىدائىيلىرى، «قۇربانلىق گۆشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ، قېرىندىشىڭىز بىلەن يېقىنلىشىڭ» تېمىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان قۇربانلىق قىلىش پائالىيىتى دائىرىسىدە، بۇركىنا فاسونىڭ پايتەختى ۋاگادۇگۇ ۋە بوبو دىئولوسسو، تېنكودوگو، لېئو، بىتتو، ياتېنگا، ۋراسسان ۋە تىتا قاتارلىق شەھەرلەردە 3 مىڭ 50 كالا قۇربانلىق قىلدى.

تۈركىيە  دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى خادىملىرى بىلەن پىدائىيلىرى،  125 مىڭ ئاىلىگە قۇربانلىق گۆشى تارقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارغا شار، كەمپۈت ۋە ھەر خىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر