ناسا ئۇچار تەخسە تەتقىق قىلىشنى باشلايدۇ

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) خەلق ئارىسىدا «ئۇچار تەخسە» (UFO) دەپ ئاتىلىدىغان نامەلۇم ھاۋا رايى ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1841020
ناسا ئۇچار تەخسە تەتقىق قىلىشنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا، پېنتاگون) دىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى كۆزىتىۋاتقان نامەلۇم ھاۋارايى ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ناسانىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ناسا نامەلۇم ھاۋارايى ھادىسىلىرىنى، يەنى نامەلۇم تەبىئەت ۋەقەلىرىنى كۆزىتىشنى ئىلمىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، كۈزنىڭ باشلىرىدا خىزمىتىنى باشلايدىغان بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ» دېيىلدى.

ئاتموسفېرادىكى نامەلۇم ۋەقەلەرنىڭ ھەم دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەمدە ھاۋا بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، نامەلۇم ھاۋا رايى ۋەقەلىرىنىڭ يەر شارىنىڭ سىرتىدىن كەلگەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئىسپاتنىڭ يوقلۇقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، بۇ ئەترەتنىڭ بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ نامەلۇم ھاۋارايى ھادىسىلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى ياكى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان ھاۋا ئوبيېكتىنى پەرقلەندۈرۈش، باشقۇرۇش، ماس قەدەملىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مۇستەقىل تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ نىيۇ يوركتىكى سىمونس ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى، ئىلگىرى پرىنسېتون ئۇنۋېرسىتىتى ئاسترونومىيە فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان ئاسترونومىيە فىزىكا ئالىمى داۋىد سپېرگېل (David Spergel) رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر