ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات باشلىقلار يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات باشلىقلار يىغىنى (EBU) تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت (TRT) نىڭ ساھىبخانىلىقىدا 23-ماي (بۈگۈن) ئىستانبۇلدا باشلاندى. يىغىن 24-ماي ئاخىرلىشىدۇ.

1830532
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات باشلىقلار يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات باشلىقلىرى يىغىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىككى يىل توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات باشلىقلار يىغىنىغا ت ر ت مۇ ئەزا.

يىغىندا، ئاممىۋى تارقىتىشنىڭ كەلگۈسى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك رىقابەت مەسىلىلىرى، يېڭى يۈزلىنىش ۋە ياشلارنى جەلپ قىلىش قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تۈركىيە ۋە ياۋروپادىن كەلگەن مۇھىم كىشىلەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن باشلىقلار يىغىنىدا، ت ر ت نىڭ باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباچى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ باش دېرىكتورى نوئېل كۇران (Noel Curran) ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدۇ.

يىغىنغا، ت ر ت ۋورلد قانىلىنىڭ دىكتورى ماريا راموس رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، گوگۇل تېلېۋىزىيە مەزمۇنلىرى ھەمكارلىقىنىڭ مەسئۇلى تېئودورا ئىۋانوۋا-لىمون (Teodora Ivanova-Limon)، خەلقئارا سودا تەرەققىيات مۇتەخەسسىسى ئولىۋىيېر ۋان دۇرېن (OlivierVanDuüren)، ئالېجاندرو لاگونىڭ بىرى. بارسېلونا ناۋاررا ئۇنۋېرسىتىتى IESE سودا فاكۇلتېتىنى پىروفېسسورلىرىدىن ئالېژاندرو لاگو (Alejandro Lago) قاتارلىق كىشىلەر نۇتۇق سۆزلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر