تۈركچە سومالىدا تاللاپ ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلىك بولىدۇ

يېقىنقى يىللاردا تۈركىيە-سومالى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا تەسىرلەرنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، سومالى خەلقى ئەڭ كۆپ تەلەپ قىلغان تىل تۈركچە بولدى.

1829694
تۈركچە سومالىدا تاللاپ ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلىك بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت مۇقدىشو كوچىلىرىدا ھەممە كوچىدا ياكى دۇكانلاردا دېگىدەك تۈركچە بىلىدىغان كىشىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ھالغا كەلدى. مۇقدىشودا ھېچقانداق كۇرسقا بېرىپ ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەرمۇ كۆرگەن چاتما تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ تەسىرىدە بىر قانچە تۈركچە سۆزلەرنى يادقا بىلىدۇ.

تۈركىيە مائارىپ ئاپپاراتلىرى كەلگەن نۇرغۇن تەلەپكەجاۋاب بېرىشتە قىينالماقتا. تۈركچە سومالىدا مەكتەپ رولىنى ئويناۋاتقان ۋە يۈزلەرچە بالا ئوقۇۋاتقان ئۈچ يېتىم-يىسىرلار ئورنىدا مەجبۇرىي دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلۇشقا باشلاندى.

تۈركچە يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى سومالى مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە باشلاشنى پىلان قىلغان لايىھە رامكىسىدا، دەسلەپتە پايتەخت مۇقدىشودا، كېيىنچە دۆلەت مىقياسىدا تاللاپ ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلىك بولىدۇ.

مۇقدىشودىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ كوردىناتور ۋەكىلى سىنان دورۇك 2017-يىلدىن بۇيان 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە تۈركچە دەرس بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركچە ئوقۇتۇشنى مەكتەپلەردىن باشقا، تۈركىيە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بازىسى، يېتىم-يىسىرلار مەكتىپى ۋە سەھىيە بىلىملىرى ئۇنىۋېرستېتىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سومالىدا تەخمىنەن 25 ئوقۇتقۇچىنىڭ مىڭلارچە كىشىنىڭ تۈركچە بىلەن تونۇشۇشىغا ۋەسىلە بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، كۇرسلاردا تەلەپكە يېتىشەلمەيۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە سومالى مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ئورتاق لايىھەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تۈركچىنى تاللاپ ئوقۇتۇلىدىغان ياكى مەجبۇرىي ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلىككە كىرگۈزۈش نىشانىمىز بار» دېدى.

ئۇ لايىھەنىڭ دەسلەپتە مۇقدىشودا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر