ئەنقەرە، سامسۇن ۋە ئىستانبۇلدا 19-ماينى تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى

پايتەخت ئەنقەرەدە 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى جايلاشقان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

1829317
ئەنقەرە، سامسۇن ۋە ئىستانبۇلدا 19-ماينى تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى
istanbul 19 mayis.jpg
samsun 19 mayis bayrak.jpg
kasapoglu anitkabir gencler.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھاررەم قاساپئوغلۇ ئەنقەرەدە ياشلار بىلەن بىرلىكتە ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈلچەمبىرەك قويدى.

ئۇ قەبرە ئالدىدىكى ھۆرمەتتە تۇرۇشتىن كېيىن، خاتىرە دەپتىرىگە بېغىشلىما يازدى.

سامسۇندىمۇ سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە پاراخوت قويۇلغان ئازادلىق يولىدىكى تۈتۈن (تاماكا) پورتىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

ئاتاتۈركنىڭ سامسۇنغا كېلىشىگە سىمۋول قىلىنغان تۈركىيە بايرىقى، پورتتىن قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىلدى.

ئىستانبۇلدا تاكسىم جۇمھۇرىيەت خاتىرە مۇنارى ئالدىدا 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر