فايزېرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى دورىسىنىڭ تەستىققا ئېرىشمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) دورا زاۋۇتى فايزېرنىڭ «Pfizer» ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) دورىسىنىڭ ۋىرۇس بىلەن قايتا يۇقۇملانغان بىمارلارغا پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا «ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقى» نى ئېلان قىلدى.

1823046
فايزېرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى دورىسىنىڭ تەستىققا ئېرىشمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىشخانىسىنىڭ دېرىكتورى جون فارلېي (John Farley)، فايزېرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى دورىسى پاكسلوۋىد (Paxlovid) ھەققىدە توختىلىپ: «دەسلەپكى داۋالاشتىن كېيىن، قايتا-قايتا ۋۇخەن ۋىرۇسى ئالامەتلىرى بار بىمارلارنىڭ ئۇزۇنراق داۋالاشنى باشتىن كەچۈرۈشى ياكى پاكسلوۋىد بىلەن داۋالىنىشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق دەلىل يوق» دېدى.

ئۇ كلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردىن قولغا كەلگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فايزېرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئالبېرت بورلا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ «ئانتىبىئوتىكلارغا ئوخشاش ئىككىنچى باسقۇچلۇق داۋالاشنى باشلىشى كېرەكلىكىنى» ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارلىرىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پاكسلوۋىد دورىسى تېخى ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان بولۇپ، ئۇدا بەش كۈندىن ئۇزۇن ئىشلىتىش رۇخسىتى يوق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر