تۈركىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى كېلەر يىلى ئالەم سەپىرىنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئالەم ئاگېنتلىقى باشلىقى سەردار ھۈسەيىن يىلدىرىم ئالەمگە چىقىدىغان تۇنجى تۈركىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ كېلەر يىلى (2023) ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1815874
تۈركىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى كېلەر يىلى ئالەم سەپىرىنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئالەم ئاگېنتلىقى باشلىقى سەردار ھۈسەيىن يىلدىرىم كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر كونفېرانستا: «مۇشۇ يىل (2022) ئاخىرى ئالەم ئۇچقۇچىمىزنىڭ تەييارلىقى پۈتىدۇ» دېدى ۋە تۇنجى تۈركىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ كېلەر يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغانلىقى خۇش خەۋىرىنى بەردى.

ئۇ ئاي شارى تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئالەم كېمىسىنىڭ ئاخىرقى لايىھەسى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

ئۇ: «ئالەم كېمىسىنىڭ دەسلەپكى ليىھەسى ئاللىبۇرۇن پۈتكەن ئىدى. ھازىر ئاخىرقى لايىھەسى پۈتۈش ئالدىدا. پۈتكەندىن كېيىن ياساش باشلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ئالەم كېمىسىنىڭ سەپىرىنى 2024-يىلى باشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «يەرلىك موتور بۇ كېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم پارچىسى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئالەم كېمىسىنى ئايغا ئاپىرىدىغان موتورىمىز پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ياسىغان راكېتا موتورى. سىناق خىزمەتلىرى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇنى ئالەم موتورىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ۋاقىت لازىم. ئوخشىمىغان شەكىللەردە سىناق قىلىمىز. بۇ سىناقلارغا بىزمۇ قاتنىشىۋاتىمىز، شۇڭا سىناقلارنىڭ ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتالايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر