تىكا ئىراقتىكى ئائىلىلەرگە رامىزانلىق ياردىمى يەتكۈزدى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) ئىراقتىكى ئەربىل شەھىرىدە قىيىنچىلىقتىكى ئائىلىلەرگە يېمەك-ئىچمەك ياردىمى قىلدى.

1813881
تىكا ئىراقتىكى ئائىلىلەرگە رامىزانلىق ياردىمى يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تىكانىڭ باغدادتىكى كوردىناتورى مۇستافا يازىجى بۇ يىل (2022) ئىراق مىقياسىدا 6 مىڭ ئائىلىگە رامىزانلىق ياردەم يەتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ رامىزانلىق ياردەم پىروگراممىسىنى باغدادتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، شەنبە كۈنى (16-ئاپرېل) كەركۈكتە ياردەم تارقىتىش ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، تۈنۈگۈن (17-ئاپرېل) ئەربىلدىكى باىىركا مۇساپىرلار لاگېرىدا 300 ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك يىشىكى تارقاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بۇ يىل ئەربىل ئەتراپىدىكى لاگېرلاردا 2 مىڭ دانە يېمەك-ئىچمەك يىشىنى تارقىتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، كەربالا ۋە ناسىرىيەدىكى يوقسۇل ئائىلىلەرگىمۇ يېمەك-ئىچمەك ياردەملىرىنى تارقىتىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر