سېربىيە ساقچىلىرى ناماز ئوقۇغان بوشناقلارغا جەرىمانە قويدى

بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنادا سېربىيە ساقچىلىرى ناماز ئوقۇغان بوشناقلارغا جەرىمانە قويدى.

1766654
سېربىيە ساقچىلىرى ناماز ئوقۇغان بوشناقلارغا جەرىمانە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربلارنىڭ ئىرقچىلىق تەشەببۇسلىرى داۋاملاشماقتا.

بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنادا سېربىيە جۇمھۇرىيىتى چېگرالىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان، سارايىۋوغا يېقىن ترېبېۋىچ رايونىدا، دىن مەدەنىيىتىى ئوقۇتقۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 كىشى، ھەمراھلىقىدىكى 20 ئوقۇغۇچى بىلەن بىرلىكتە ترېبېۋىچ تېغىغا سەيلىگە چىقتى ۋە بۇ يەردە پېشىن مامىزى ئوقۇدى.

شەھەرگە قايتىش يولىدا ساقچى ئەترەتلىرى تەرىپىدىن توختىتىلغان ۋە «ئاممىۋى سورۇنلاردا نامۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن بۇ گۇرۇپپىغا، 50 ياۋرو جەرىمانە قويۇلدى.

بۇ گۇرۇپپا جازاغا ئېتىراز بىلدۈرگەن چاغدا، ساقچىلار ئۇلارغا، «بۇ بىزنىڭ رايونىمىز، شۇڭا بۇ يەردە ناماز ئوقۇيالمايسىلەر» دەپ جاۋاب بەردى.

گۇرۇپپا ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن بۇ ئەھۋال سەۋەبىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقاندا، ساقچىلار جازانى بىكار قىلدى.

گۇرۇپپا، سوغۇقتا بەش سائەت ساقلىتىلغاندىن كېيىن، قايتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان  كابېل يولى تاقالغانلىقتىن، پىيادە ھالدا قايتىشقا مەجبۇر بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بوشناقلار، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشقا تەييارلانماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر