گېرمانىيە: ئىسلام ئەلۋەتتە گېرمانىيەگە تەۋە

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فايسېر  ئىسلامنىڭ ئەلۋەتتە گېرمانىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1765892
گېرمانىيە: ئىسلام ئەلۋەتتە گېرمانىيەگە تەۋە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فايسېر، گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹Süddeutsche Zeitung› گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، گېرمانىيەنىڭ كۆچمەنلەر دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەك كۈچىنىڭ كۆچمەنلىكنى قولايلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز كۆچمەنلەر دۆلىتىمىز، ئاخىرىدا بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت بولۇشنى خالايمىز. گېرمانىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلغان كىشىلەرنى قارشى ئالىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، گېرمانىيەدە قالالمايدىغانلارنىڭ قايتىپ كېتىشى ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئايرىلىشىنى تېزلىتىشنى خالايمىز. ئەمدى بىز ئىنسانلارنىڭ دېڭىزلاردا غەرق بولۇشلىرىغا سۈكۈت قىلالمايمىز. شۇڭا بىز قانۇنلۇق كۆچمەنلەر يوللىرى بەرپا قىلىمىز.  ئىسلام ئەلۋەتتە گېرمانىيەگە تەۋە، دەرۋەقە، ئىسلام  ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيەدىكى مەدەنىيەت ھاياتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلدى.»

قوبۇل قىلىنىدىغان كۆچمەنلەر سانىنى ئېنىق بېكىتىش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان فايسېر، گېرمانىيەنىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرى ئۈچۈنمۇ كەڭ كۆلەملىك كۆچمەنلىككە ئېھتىياج بارلىقى تەكىتلىدى، ھەمدە ئوڭچىل ئاشقۇنلۇققا قارشى ھەرىكەت پىلانى تۈزگەنلىكلىرىنى، بۇ پىلان ئارقىلىق ئاشقۇنلارنىڭ دۆلەت مەمۇرلىقىدىن تېزرەك سىقىپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر