كانادا ۋۇخەن ۋىرۇسى دورىسىنى تەستىقلىدى

كانادا سەھىيە مىنىستىرلىقى فايزېر تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) دورىسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1764398
كانادا ۋۇخەن ۋىرۇسى دورىسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا سەھىيە مىنىستىرلىقى فايزېر تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)  دورىسىنى تەستىقلىدى.

كانادا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «پاكسلوۋىد» (Paxlovid) دەپ ئاتىلىدىغان دورىنىڭ، كانادادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئېغىزدىن ئىستېمال قىلىش تەستىقىغا ئېرىشكەن رېتسىپلىق تۇنجى دورا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مەزكۇر دورىنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامىتى يەڭگىل ياكى ئوتتۇرا دەرىجە بولغان بىمارلارنى داۋالاش ئۈچۈن 18 ياش ۋە يۇقىرى ياشتىكىلەرگە، يۇقۇملانغانلىقى توغرىلانمىغان كېسەل بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولغانلارغا بېرىشكە بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

فايزېر شىركىتى 16-نويابىر (2021) ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياسالغان دورىنى، ئەھۋالى ئوتتۇرا دەرىجە ۋە خەتەرلىك بىمارلارغا، شۇنداقلا ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن كىشىلەرنى داۋالاشتا قوللىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۇنغان ئىدى.

فايزېر شىركىتى مەزكۇر دورىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئەھۋلى خەتەرلىك بىمارلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ۋە ئۆلۈم نىسبىتىنى %89 ئازايتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەمۇ «پاكسلوۋىد» دورىسىنى تەستىقلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر