دۇنيا مىقياسىدا يېقىنقى يەتتە يىل «ئەڭ ئىسسىق يىللار» بولغان

ياۋروپا ئىتتىپاقى كوپېرنىكۇس (Copernicus) كىلىمات ئۆزگىرىش پىروگراممىسىنىڭ يىللىق تەتقىقات مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاتموسفېرا سەرا گازىنىڭ زىچلىقى 2021-يىلى بويىچە داۋاملىق ئاشقان.

1760277
دۇنيا مىقياسىدا يېقىنقى يەتتە يىل «ئەڭ ئىسسىق يىللار» بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى يەتتە يىلدا، دۇنيادا كاربون ئوكسىد ۋە مېتان گاز سەۋىيەسى رېكورت سەۋىيەگە ئاشقان.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن كاربون قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى، بولۇپمۇ سىبىرىيەدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ تۈرتكىسىدە 1850 مېگاتونغا يەتكەن. بۇ سان ئالدىنقى يىلى 1750 مېگاتون ئىدى.

2021-يىلى دۇنيانىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 1991-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تېمپېراتۇرادىن 0.3 گرادۇس، سانائەتتىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن 1.1-1.2 گرادۇس يۇقىرى بولغان.

شۇنداق قىلىپ، 2015-2021-يىللىرى دۇنيا بويىچە تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق 7 يىل بولغان.

بۇ مەزگىلدە، 2015-، 2018- ۋە 2021-يىللىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان. ياۋروپا 2021-يىلى ئاقدېڭىزدا قاتتىق ئىسسىق دولقۇنلىرى ۋە ئوتتۇرا ياۋروپادا كەلكۈن ئاپەتلىرى كۆپ يۈز بەرگەن بىر يازنى باشتىن كەچۈرگەن.

ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى رايونلار، سىبىرىيەنىڭ غەربى ۋە ئەڭ شەرقى،  ئالياسكا ۋە تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا ھەمدە شەرقىي قىسىملىرى، ئاۋستىرالىيەنىڭ كۆپ قىسمى، ئانتاراكتىكانىڭ بىر قىسىم جايلىرى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر