دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سارىقامىش شېھىتلىرىنى خاتىرىلىدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «سارىقامىش ھەرىكىتىنىڭ 107 – يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ۋىدېئولۇق باياناتىدا سارىقامىش شېھىتلىرىنى خاتىرىلىدى.

1759300
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سارىقامىش شېھىتلىرىنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ۋىدېئولۇق باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «سارىقامىش ھەرىكىتىدە مىڭلارچە كىشى شېھىت بولدى، ئۇلار قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات، ۋەتەن ئۈچۈن، شان - شەرەپ ئۈچۈن ئاتلىنىلىدىغان بۇ سەپەردىن قايتىش مۇمكىن ئەمەس، تاغلار شاھىت بولسۇن، تاشلار شاھىت بولسۇن! شېھىتلەر مەڭگۈ ھايات، ۋەتەننى پارچىلاشقا ھېچكمىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ، سارىقامىشتا شېھىت بولغان شانلىق ئەجدادلىرىمىزنى چەكسىز ھۆرمەت، ئىپتىخارلىق  ۋە مىننەتدارلىق  تۇيغۇسى ئىچىدە خاتىرىلەيمىز ۋە مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر