ساياھەتچىلەر يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى كاپادوكيادىكى ساياھەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى

يېڭى يىلنى تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلەر بىلەن بېزەلگەن كاپادوكيادا كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر، يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى كاپادوكيادىكى ساياھەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

1755485
ساياھەتچىلەر يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى كاپادوكيادىكى ساياھەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى
kapadokya.jpg
kapadokya.jpg
kapadokya.jpg
kapadokya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساياھەتچىلەر، پەرىباجالىرى، تەبىئىي قىيالىقلار بىلەن قاپلانغان ۋادىلەر، قيالىقلاردا ئويۇپ ياسالغان تارىخىي مۇناستىرلار، غار مېھمانخانىلىرى ۋە تۈرلۈك ساياھەت پائالىيەتلىرى بىلەن داڭلىق كاپادوكيا رايونىدا، ئىسسىق ھاۋا شارلىرى ۋە قۇرۇقلۇق ئاپتوموبىللىرى بىلەن سەيلە قىلدى.

2022-يىلىنىڭ تۇنجى قۇياشىنى كۆك يۈزىدە قارشى ئالماقچى بولغان ساياھەتچىلەر، كۈن چىققاندا گۆرەمە رايونىدىن كەينى-كەينىدىن كۆتۈرۈلگەن ھاۋا شارلىرى ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ گۈزەللىكلىرى بىلەن تونۇشتى.

بەزى ساياھەتچىلەر ئېگىزلىكلەرگە چىقىپ، رەڭگارەڭ شارلار بىلەن بېزەلگەن مەنزىرە ئارىسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر