ئەردوغان قاتارلىق رەھبەرلەر ئالائەددىن ياۋاشجانىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەرھۇم تۈرك ناخشا - مۇزىكا سەنئەتچىسى ۋە كومپوزىتور پىروفېسسور دوكتور ئالائەددىن ياۋاشجا ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

1751765
ئەردوغان قاتارلىق رەھبەرلەر ئالائەددىن ياۋاشجانىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى
erdogan.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس  ئەردوغان ئۆزىنىڭ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تېلېگرامما تارقىتىپ: «تۈرك ناخشا – مۇزىكىسىنىڭ بايراقتارى، مۇزىكانت ۋە كومپوزىتور پقروفېسسور دوكتور ئالائەددىن ياۋاشجاغا ئاللاھتىن رەھىم - شەپقەت تىلەيمەن، ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا، بارلىق مەستانىلىرىگە ھەمدە سەنئەت دۇنيامىزغا تەزىيە بىلدۈرىمەن. مەرھۇمنىڭ ماكانى جەننەت بولسۇن» دېدى.

ئۇنىڭدىن باشقا جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ۋە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي قاتارلىقلارمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق ئالائەددىن ياۋاشجا ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

خېلىدىن بۇيان داۋالىنىۋاتقان 95 ياشلىق سەنئەتكار ئالائەددىن ياۋاشجا بۈگۈن ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.

1991- يىلى دۆلەت سەنئەتچىسى دېگەن ئۇنۋان بېرىلىپ مۇكاپاتلانغان ياۋاشجا ئەتە ئىستانبۇلدا يەرلىككە قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر