كانادادا ئۆسۈملۈك ۋاكسىناسى ياسالدى

كانادادا دۇنيادىكى تۇنجى ئۆسۈملۈكنى ئاساس قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ياسالدى.

1744667
كانادادا ئۆسۈملۈك ۋاكسىناسى ياسالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ مېدىكاگو (Medicago) شىركىتى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ گلاكسو سمىس كلىن (GlaxoSmithKline) دورىگەرلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ، ئۆسۈملۈكنى ئاساس قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ياسىدى.

ئىگىلىنىشچە، بۇ ۋاكسىنا مەركىزى كانادانىڭ كۇېېك ئىشتاتىنىڭ كۇبېك شەھىرىگە جايلاشقان مېدىكاگو شىركىتى بىلەن ئەنگلىيە دورىگەرلىك شىركىتى گلاكسو سمىس كلىن ھەمكارلىشىپ ياسىغان بولۇپ، 3-باسقۇچلۇق كلىنكىلىق سىناق جەريانىدا يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

شىركەتنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋاكسىنانىڭ تەتقىق قىلىنغان بارلىق ۋىرۇس ۋارىيانتلىرىغا قارشى ئومۇمىي ئۈنۈم نىسبىتىنىڭ %71 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كانادا سەھىيە مىنىستىرلىقىغا زۆرۈر ئىلتىماسلارنىڭ سۇنۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ۋاكسىنانىڭ ئۆسۈملۈك تەركىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلمىدى.

مېدىكاگو باياناتچىسى برىيان ۋورد (Brian Ward) مىنستىرلىق رۇخسەت قىلغان ئەھۋالدا، ۋاكسىنانىڭ ۋىرۇسقا ئوخشايدىغان زەررىچە تېخنولوگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان تۇنجى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ۋە ئەملىنىشى تەستىقلانغان تۇنجى ئۆسۈملۈكنى ئاساس قىلغان ۋاكسىنا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «مەزكۇر ۋاكسىنا كۇبېك ياكى كانادا ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئۈچۈن تۇنجى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھازىرغىچە ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەر ۋە ئىككى شىشە ۋاكسىنا ئەملىتىپ ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىنانى ئەملەتمەكچى بولغانلارنىڭ ۋاكسىنامىزغا مۇھىم ئېھتىياجى چۈشىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ۋاكسىنا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ئوخشايدىغان، ئەمما گېنېتىكىلىق ماتېرىياللار بولمىغان، ئۆسۈملۈكنى ئاساس قىلغان ۋىرۇسقا ئوخشاپ كېتىدىغان زەررىچىلەردىن پايدىلىنىپ ياسالغان.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ۋاكسىنا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىدىكەن.

مېدىكاگونىڭ باياناتىدا، ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىناق نەتىجىلىرىنىڭ پات يېقىندا نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر