ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ھەپتىلىك دەم ئېلىش 2 يېرىم كۈنگە چىقىرىلىدۇ

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش يېڭى يىل (2022) دىن باشلاپ جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلىنىدۇ.

1744194
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ھەپتىلىك دەم ئېلىش 2 يېرىم كۈنگە چىقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش يېڭى يىل (2022) دىن باشلاپ جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش 2 يېرىم كۈنگە چىقىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋام (WAM) ئاگېنتلىقى ھەپتىلىك دەم ئېلىشنىڭ 2 يېرىم كۈنگە چىقىرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ھۆكۈمەت يېڭى خىزمەت تۈزۈمىدە، ھەپتىلىك خىزمەت قىلىش ۋاقتى 4.5  كۈن قىلىپ بېكىتىلگەن.

يېڭى خىزمەت تۈزۈمى 2022-يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ باشلىنىدىغان بولۇپ، ھەپتىلىك دەم ئېلىش جۈمە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 12:00 دىن يەكشەنبە كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ۋە جەمئىي 2.5 كۈن بولىدىكەن.

خەۋەردە يەنە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە جۈمە نامىزىنى 13 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئوقۇش توغرىسىدا قارار ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بارلىق ئورگانلار بويسۇنىدىغان يېڭى خىزمەت تۈزۈمىنىڭ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا بازارلىرى بىلەن بىرلىشىشىگە ھەسسە قوشىدىغانلىقى ۋە ئىدارە-ئورگانلاردىكى خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭمۇ مەقدەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر