ۋېنگىرىيە ئالىملىرى موھاچ ئۇرۇشى يۈز بەرگەن جاينى بېكىتتى

ئوسمانلىنىڭ ياۋروپادا غەلىبە قىلغان ئەڭ مۇھىم غەلبىلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىدىغان ۋە ۋېنگىرىيەنىڭ ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىشى بىلەن خۇلاسىلەنگەن موھاچ ئۇرۇشى قىلىنغان جاي بېكىتىلدى.

1742252
ۋېنگىرىيە ئالىملىرى موھاچ ئۇرۇشى يۈز بەرگەن جاينى بېكىتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇنى سۇلتان سۇلايمان قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى ئارمىيەسى بىلەن ۋېنگىرىيە پادشاھى 2-لايوس قوماندانلىقىدىكى ۋېنگىرىيە قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا، 1526-يىلى 29-ئاۋغۇست پارتلىغان ۋە ئىككى سائەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەتىجىلەنگەن موھاچ ئۇرۇشى بولغان جاي، ۋېنگىرىيە بىلىم ئادەملىرى تەرىپىدىن بېكىتىلدى.

ۋېنگىرىيە بىلىم ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن 2018-يىلىدا بەرچ ئۇنىۋېرستېتى (Pecs) ئىجتىمائىي بىلىملەر تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن باشلانغان لايىھەنىڭ مەسئۇلى ۋە بەرچ ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور نوربېرت پاپ (Norbert Pap): «موھاچ ئۇرۇشى بۈگۈنكى ۋېنگىرىيەنىڭ موھاچ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر جايدا يۈز بەردى، ئەمما ۋېنگىرىيەدە ئۇرۇشنىڭ زادى قايسى نۇقتىدا بولغانلىقى ھەققىدە بىر قانچە يۈز يىلدىن بۇيان داۋاملاشقان مۇنازىرە بار ئىدى. تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئۇرۇشنىڭ فۆلدۋار يېزىسىنىڭ بورزا –ماجار سازلىقى ئەتراپىدا بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. گېئو فىزىكىلىق تەكشۈرۈشلەر رايوندا ئوتتۇرا دەۋرگە مەنسۇپ ئاھالە ئىزلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. فۆلدۋار يېزىسىنىڭ تېپىلىشى ناھايىتى مۇھىم ۋەقە بولدى. ئۇ يەردە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم» دېدى.

ئۇ ۋېنگىرىيە پادىشاھى پادشاھى 2-لايوسنىڭ شىمالدا سېسلې (Csele) رايونىدىكى سازلىقتا تۇنجۇقۇپ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تەتقىقاتلىرىمىزدا بۇ يەرنى بايقىدۇق. بۇنى تۈركىيەدىكى تەتقىقات مەنبەلىرىمۇ تەستىقلايدۇ» دېدى.

ئۇ رايوندا ئادەملەرنىڭ سۆڭەكلىرى كۆمۈلگەن ئىككى جاينى بايقىغانلىقلىرىنى، بۇ جايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان قېزىشلاردا كوللېكتىپ مازارلىقلارنىڭ تېپىلىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر