Twitter دا كىشىلەرنىڭ رەسىم - ۋىدېئولىرىنى رۇخسەتسىز  ھەمبەھىرلەش چەكلەندى

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter كىشىلەرگە ئائىت رەسىم – ۋىدېئولارنى سەھىپىلەردە رۇخسەتسىز  ھەمبەھىرلەشنى چەكلىدى.

1741575
Twitter دا كىشىلەرنىڭ رەسىم - ۋىدېئولىرىنى رۇخسەتسىز  ھەمبەھىرلەش چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Twitter،  «شەخسىي ئۇچۇر سىياسىتى» نى شەخسىي تاراتقۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھالدا كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، شەخسىي رەسىم - ۋىدېئولارنى رۇخسەتسىز ئىشلىتىش چەكلەندى.

تىۋىتتېر، بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن تەقدىردە، بۇ ئۇچۇرنىڭ ئۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

باياناتتا يەنە، ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ چىقىلىدىغانلىقى، ئاساسىي ئېقىمدىكى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراپ، بىر قىسىم رەسىم ۋە سىنلارنى تور بېكەتتە ساقلاپ قېلىش ياكى قالماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر