فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى سېرىق ۋە كۆك رەڭدە يورۇتۇلدى
فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا دۆلەت بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سېرىق ۋە كۆك رەڭدە يورۇتۇلدى.
1738936
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھىم كۈنلەردە رەڭلىك ۋە نۇرلۇق كۆرۈنۈشلەرگە سەھنە بولىدىغان ئىستانبۇلنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك نۇقتىلىرىدىن فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى، 25-نويابىر بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا دۆلەت بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بايرىقىنىڭ رەڭگى بولغان سېرىق ۋە كۆك رەڭدە يورۇتۇلدى.