فۇگاكۇ دۇنيادىكى ئەڭ تېز كومپيۇتېرى بولدى

ياپونىيەدە ياسالغان دەرىجىدىن تاشقىرى فۇگاكۇ كومپيۇتېرى TOP500 تىزىملىكىدە دۇنيادىكى ئەڭ تېز كومپيۇتېر بولۇپ باھالاندى.

1735102
فۇگاكۇ دۇنيادىكى ئەڭ تېز كومپيۇتېرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە ياسالغان دەرىجىدىن تاشقىرى فۇگاكۇ «Fugaku» كومپيۇتېرى سېكۇنتىغا 440 ھەسسە تىرىلىيوندىن كۆپ ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى بىلەن، يەنە بىر قېتىم TOP500 تىزىملىكىدە دۇنيادىكى ئەڭ تېز كومپيۇتېر بولۇپ باھالاندى.

يىلدا ئىككى قېتىم يېڭىلىنىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ تېز دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر تاللىنىدىغان TOP500 دە، ياپونىيەنىڭ فۇگاكۇ كومپيۇتېرى بىرىنچىلىك ئورنىنى قولدىن بېرىپ قويمىدى.

فۇگاكۇ تەخمىنەن 442010 تېرافلوپ تېزلىكى بىلەن ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى ئامېرىكا كومپيۇتېرى ساممىت (Summit) تىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق ھېسابلاش ۋە ئۇچۇرنى ئەڭ تېز بىر تەرەپ قىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

ئېلېكترون ماگناتى فۇجىتسۇ قوللىغان فۇگاكو دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرى، كوبى شەھىرىدىكى رىكاگاكۇ تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (RIKEN) تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ.

رىكاگاكۇ تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ دىرېكتورلىرىدىن ماتسۇكا ساتوسى  فۇگاكۇنىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغانلىقىنى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرنىڭ كاربونسىزلىشىش پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

فۇگاكۇ ياپونچىدا «بايلىق چوققىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر