ياۋروپا مودېرنانىڭ ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىناسىنى ئەملەشنى تەۋسىيە قىلدى

ياۋروپا دورا ئاگېنتلىقى (EMA) مودېرنا شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنىڭ ئۈچىنچى شىشىسىنى 18 ياشتىن چوڭ كىشىلەرگە ئەملەشنى تەۋسىيە قىلدى.

1725162
ياۋروپا مودېرنانىڭ ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىناسىنى ئەملەشنى تەۋسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا دورا ئاگېنتلىقى <<Spikevax>> ناملىق ۋاكسىنانىڭ ئىككىنچى شىشىسى ئەملىنىپ ئارىدىن 8-6 ئۆتكەندىن كېيىن، تولۇقلاش ئۈچۈن ئەملەنگەن ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىنانىڭ، ئانتېتىلاسى تۆۋەنلىگەن كىشىلەردە ئانتېتىلا سەۋىيەسىنى يۇقىرىلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىنانىڭ ئىلگىرىكى ۋاكسىنا مىقدارىنىڭ يېرىمىگىچە بولىدىغانلىقى؛ ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىنانىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ، ئىككىنچى شىشە ۋاكسىنادىن كېيىن كۆرۈلگەن ئەھۋاللار بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ياۋروپا دورا ئاگېنتلىقى مۇشۇ ئاي (ئۆكتەبىر) نىڭ بېشىدا فايزېر-بىيونتېك شىركەتلىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنىڭ ئۈچىنچى شىشىسىنى 18 ياشتىن چوڭ كىشىلەرگە ئەملەشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى.

ياۋروپا دورا ئاگېنتلىقىنىڭ قارارلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن تەۋسىيە خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋاكسىنا ئەملەشنى ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر