ياپون مەلىكىسى ماكو ياتلىق بولدى

ياپونىيەدە مەلىكە ماكو ئادەتتىكى پۇقرا ئوغۇل دوستى كومۇرو كېي بىلەن توي قىلدى.

1725214
ياپون مەلىكىسى ماكو ياتلىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىمپېرىيە ئىشلىرى ئورگىنى، ياپون مەلىكىسى ماكو ۋە ئۇنىڭ  ئوغۇل دوستى كومۇرو كېينىڭ توي ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ھۆججەتلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا تاپشۇرغان.

رەسمىي ھۆججەتلەر تەستىقلانغاندىن كېيىن، ھەر ئىككىسى 30 ياشقا كىرگەن ماكو بىلەن كومۇرو كېي توي قىلغان.

مەلىكە ماكو،  پۇقرا  ئوغۇل دوستى كومۇرو كېي بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئىسمىنى يېڭى تىزىملاش جەدۋىلىگە «كومۇرو ماكو» تەرىقىسىدە تىزىملاتقان.

ئىمپېرىيە قانۇنىغا ئاساسەن، خەلق سىنىپىدىن بىرىگە ياتلىق بولغان ئىمپېرىيە جەمەتى ئەزاسى ئايال، خان جەمەتىدىكى سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن.

ياپونىيە ئىمپېرىيە ئىشلىرى ئورگىنى، توي قىلىش ئارقىلىق خان جەمەتىدىكى سالاھىيىتىنى يوقاتقان ماكونىڭ، بىر ھەپتە ئىچىدە ئىمپېرىيە نەسەبىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىگىلىنىشچە، ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئىمپېرىيە تۇرالغۇسىدىن ئايرىلغان ماكو، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كۆچۈپ كەتكەنگە قەدەر، يولدىشى بىلەن بىرلىكتە پايتەخت توكيودىكى بىر تۇرالغۇدا تۇرىدىكەن.

 

مەلىكە ماكو، خان جەمەتىدىن ئايرىلغاندا ئىمپېرىيە ئائىلىسىدىكى ئاياللارغا بېرىلىدىغان 150 مىليون يېن (1 مىليون 300 مىڭ دوللار) پۇلنىمۇ ئالمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر