ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس سودا ئالەم پونكىتى قۇرىدۇ

ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس (Jeff Bezos) نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالەم ساياھەت شىركىتى بلۇ ئورىجىن (Blue Origin) سودا ئالەم پونكىتى قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى.

1725143
ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس سودا ئالەم پونكىتى قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس (Jeff Bezos) نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالەم ساياھەت شىركىتى بلۇ ئورىجىن (Blue Origin) سودا ئالەم پونكىتى قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى.

شىركەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ باياناتىدا، «ئوربىتال رېف» (Orbital Reef) ناملىق پونكىتنى 10 يىل ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ پىلانلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئېلان قىلىنغان تەشۋىقات ماتېرىيالىدا، پونكىتنىڭ بوشلۇقتىكى «ئارىلاشما سودا باغچىسى» بولىدىغانلىقى ۋە 10 ئادەم سىغىدىغانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر شىركەت پونكىتنى سېررا ئالەم قاتنىشى ۋە بويىن شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرىدۇ.

بلۇ ئورىجىن 32 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان پونكىتنىڭ خېرىدارلارنى  «مىكرو يەر تارتىش كۈچىدە فىلىم ئىشلەش» ياكى «ئەڭ يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتلىرىنى قىلىش» ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، شۇنداقلا بىر «ئالەم مېھمانخانىسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ پىلاننى باشلاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بلۇ ئورىجىن ۋە سېررا ئالەم قاتنىشىنىڭ مەسئۇللىرى پىلاننىڭ مالىيىتى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىدى. بىراق، بۇ لايىھە بېزوسنىڭ ھەر يىلى 1 مىليارد دوللار فوند ئاجرىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

گەرچە خەلقئارا ئالەم پونكىتى 2030-يىلى ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بولسىمۇ، ئېغىر مەسىلىلەر بىلەن كۈرەش قىلماقتا.

رۇسىيە مەسئۇللىرى ئىلگىرى كونا ئۈسكۈنىلەرنىڭ چوڭ ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ 2025-يىلغىچە پونكىتتىن ئايرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر