ئۇغۇر شاھىن ۋە ئۆزلەم تۈرەجى ئىسپانىيەنىڭ مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

بىيونتېكنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن ۋە دوكتور ئۆزلەم تۈرەجى ئىسپانىيەنىڭ ئاستۇرىياس مەلىكىسى (AsturiasPrincess) مۇكاپاتلىرىنىڭ تېخنىكا ۋە ئىلمىي كاتېگورىيەسى بويىچە مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.

1723760
ئۇغۇر شاھىن ۋە ئۆزلەم تۈرەجى ئىسپانىيەنىڭ مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئاستۇرىياس مەلىكىسى مۇكاپاتلىرى تېخنىكا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار ھەيئىتى، بۇ يىل (2021) مەزكۇر ساھەدىكى كاتالىن كارىكو (Katalin Kariko) مۇكاپاتىنى ئۇغۇر شاھىن ۋە ئۆزلەم تۈرەجىدىن باشقا، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  ۋاكسىناسىنىڭ تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىشىغا تۆھپە قوشقان جېرېكس ۋېيىسمان (DrexWeissman)، فىلىپ فېلگنېر (Philip Felgner)، دېرىك روسسى (Derrick Rossi) ۋە سارا گىلبېرت (Sarah Gilbert) قاتارلىق كىشىلەرگە بەردى.

ئىسپانىيەدە 1981-يىلىدىن تارتىپ تارقىتىلغان مۇكاپاتلار، ھازىرقى پادىشاھ فېلىپنىڭ دادىسىنىڭ ئورنىغا 2014-يىلى تەختكە چىقىپ ۋەلىئەھدى بولغان چوڭ مەلىكە لېيونورنىڭ نامىدا <<ئاستۇرىياس مەلىكىسى>> دەپ ئاتالغان ئىدى.

<<ئاستۇرىياس مەلىكىسى>> مۇكاپاتى سەككىز كاتېگورىيەدە تارقىتىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە، خوەن مىرونىڭ كىچىك ھەيكەل مىنياتورى، دىپلوم، ئىزنەك ۋە 50 مىڭ ياۋرو بېرىلىدۇ.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بۈگۈن (2021-يىلى 22-ئۆكتەبىر) كەچتە ئىسپانىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاستۇرىياس رايونىنىڭ ئوۋىدو (Oviedo) شەھىرىدىكى كامپوامور (Campoamor) تىياتىرىدا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر