ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋپى ئەملەتكەنلەرگە قارىغاندا يۇقىرى

ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەملەتمىگەن قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋپى تولۇق ئىككى شىشە ۋاكسىنا ئەملەتكەن قورامىغا يەتكەنلەرگە سېلىشتۇرۇلغاندا، 11 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1721769
ۋاكسىنا ئەملەتمىگەنلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋپى ئەملەتكەنلەرگە قارىغاندا يۇقىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (CDC) نىڭ 2021-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىكى مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن قورامىغا يەتكەنلەرنى تولۇق ئىككى شىشە ۋاكسىنا ئەملەتكەن قورامىغا يەتكەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈش خەۋپىنىڭ 11 ھەسسە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى ئالتە ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ۋاكسىنا ئەملەتكەن قورامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىش خەۋپى 19 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

سانلىق مەلۇماتلار، يېقىنقى ھەپتىلەردە ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى بىلەن، ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلۈش خەۋپىنىڭمۇ ئاستىلىغانلىقىنى، ئاۋغۇست ئېيى (2021) نىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە، ۋىرۇس سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئۆلۈم خەۋپىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %30 ئازايغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم خەۋپى ۋە ۋەقەلەر ئازايغان بولسىمۇ، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدىن ئاخىرقى ھەپتىسىگىچە ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىش نىسبىتىنىڭ %80 دىن ئارتۇق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى يەنە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا ياتقان 50 ياشتىن تۆۋەن ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ، تولۇق ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرگە سېلىشتۇرۇلغاندا تەخمىنەن 15 ھەسسە، 50 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئارىسىدا 31 ھەسسە ۋە 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەردە 16 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكادا پائالىيەت قىلىۋاتقان قەيسەر ئائىلە ۋەخپىسى ئۆتكەن ھەپتىدىكى دوكلاتىدا، يېقىنقى ئۈچ ئايدا ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن قورامىغا يەتكەنلەر ئارىسىدا 90 مىڭدىن ئارتۇق <<ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئۆلۈم>> ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر