ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى ئەتە باشلىنىدۇ

ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى (TRT World Forum) بەشىنچى يىللىقىدا «كۈچ ۋە پارادوكس: 21-ئەسىردە بۈيۈك ئىستراتېگىيەنى چۈشىنىش» تېمىسىدا ئەتە (2021-يىلى 19-ئۆكتەبىر) باشلىنىدۇ.

1721203
ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نۇتۇق سۆزلىشى بىلەن باشلىنىدۇ ۋە 20-ئۆكتەبىر ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ يىل (2021) 36 دۆلەتتىن 100 گە يېقىن سۆز قىلغۇچىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5-قېتىملىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىدە، رەھبەرلەر، مۇتەخەسسىسلەر، ئاكادېمىكلار ۋە داڭلىق شەخسلەر دۇنياۋى مەسىلىلەرگە يېڭى نۇقتىئىينەزەرلەر ۋە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى قاتارلىقلارمۇ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدۇ. پائالىيەتتە، ئۆز ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىككى كۈن بويىچە كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە دۇنيا سەھىيە كىرىزىسلىرىدىن خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقىچە، ياۋرو-ئاسىيانىڭ يۈكسېلىشىدىن دىجىتاللىشىشقىچە بولغان مۇھىم تېمىلار بويىچە لېكسىيە سۆزلەيدۇ.

مۇنبەردە يەنە، داڭلىق سەنئەتچىلەر كونسېرت بېرىدۇ. مۇنبەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى «www.trtworldforum.com» ئادرېسىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر