نىيۇ يوركتىكى تۈرك ئۆيى چەت ئەللىك دىپلوماتلارنى كۈتۈۋالدى

ئامېرىكاىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن سېنتەبىر (2021) ئېيىدا ئېچىلغان «يېڭى تۈرك ئۆيى» بىناسى، خەلقئارالىق دىپلوماتلارنى كۈتۈۋالدى.

1720083
نىيۇ يوركتىكى تۈرك ئۆيى چەت ئەللىك دىپلوماتلارنى كۈتۈۋالدى
new york Turkevi diplomatlar1.jpg
new york Turkevi diplomatlar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك بىناكارلىق ئۇسلۇبى ۋە بىنانىڭ ئۈستىدىكى لالە شەكلى بىلەن مەنخاتتون ئارىلىدىكى باشقا ئاسمان پەلەك بىنالار ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يېڭى تۈرك ئۆيىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركتىكى كونسولى رەيھان ئۆزگۈرنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

كونسول رەيھان ئۆزگۈر سۆز قىلىپ، يېڭى خىزمەت بىناسىنىڭ تۈركىيەنىڭ زورىيىۋاتقان دىپلوماتىك ۋە كونسولخانا خىزمەتلىرىگە مۇۋاپىق لايىھەلەنگەنلىكىنى، تۈرك مېھماندوستلۇقىدىن بەھىر ئېلىشنى خالايدىغان بارلىق كىشىلەرگە ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ چەت ئەللىك دىپلوماتلارغا خىتاب قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«سىلەرگە، كۆرگەزمە، كونفېرانس، ئىلمىي يىغىنلار ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، بىنامىزدىن پايدىلىنىشىڭلاردىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىمىز.»

پائالىيەتتە تۈركىيە ساكسفون سەنئەتچىسى ئىلخان ئەرشاھىن ئوركېستىرى نومۇر ئورۇنلىدى. دىپلوماتلار بىنانىڭ 7-قەۋىتىدە تۈرك يىمەكلىكلىرىدىن ھۇزۇر ئالدى. دىپلوماتلار نىيۇ يوركتىكى سىمۋوللۇق بىنالارنىڭ بىرى بولغان تۈرك ئۆيىدە، تۈركىيەنىڭ زامانىۋى بىناكارلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىنانى ماختاپ كۆككە كۆتۈردى.

ب د ت ئومۇمىي مەركىزىنىڭ دەل ئۇدۇلىغا جايلاشقان 35 قەۋەتلىك تۈرك ئۆيى بىناسىدا، تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋاكالەتخانىسى، تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركتىكى كونسولخانىسى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاكالەتخانىسى ئورۇن ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر