تۈركىيەدە مۇزېيىلار كۆپەيدى

تۈركىيە مىقياسىدا مۇزېيى سانى ئۆتكەن يىلى (2020) 2019-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %5.8 كۆپىيىپ 494 كە چىقتى.

1703950
تۈركىيەدە مۇزېيىلار كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە مۇزېيى سانى 494 كە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 205 ى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەۋەلىكىدە، 298 ى خۇسۇسىي مۇزېيى كاتېگورىيەسى ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2020-يىلىغا مۇناسىۋەتلىك «مەدەنىيەت مىراس ئىستاتىستىكىلىرى» نى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مۇزېيىلاردىكى يادىكارلىقلار سانى، 2020-يىلى 2019-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %0.5 كۆپىيىپ 3 مىليون 278 مىڭ 114 قا يەتكەن. خۇسۇسىي مۇزېيىلاردىكى يادىكارلىقلار سانى ئوخشاش مەزگىلدە %2 كۆپىيىپ 416 مىڭ 706 گە يەتكەن.

مۇزېيىلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەدەنىيەت مۇقىم مۈلۈكلىرىنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدە %2.6 كۆپىيىپ 116 مىڭ 120 گە يەتكەن.

مىللىي باغچىلارنىڭ سانى 2020-يىلى 2019-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %2.3 كۆپەيگەن، تەبىئەت باغچىسى %1.2 كۆپەيگەن. ئوخشاش مەزگىلدە مىللىي باغچىلارنىڭ يۈز ئۆلچىمى %4.5 كېڭىيىپ 907 مىڭ 520 گېكتارغا يەتكەن.

ئۆتكەن يىلى (2020) تەبىئەت باغچىسىنىڭ سانى 250 كە كۆپەيگەن بولسا، يۈز ئۆلچىمى 107 مىڭ 632 گېكتارغا چىققان. تەبىئەتنى قوغداش ساھەسىنىڭ سانى %3.3 كۆپىيىپ 31 گە چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر