بۈيۈك زەپەر 99 يېشىدا...

1922-يىلى 30-ئاۋغۇست «يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم» دېگەن شوئار بىلەن ئازادلىق ئۇرۇشى تاج كىيدى.

1699620
بۈيۈك زەپەر 99  يېشىدا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلگەن بۈيۈك زەپەر، تارىخقا ئالتۇن ھەرپلىرىنى يازدى. زەپەر بايرىمىنىڭ 99 يىللىقى، مەملىكەت مىقياسىدا ھەر خىل مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەنمەكتە. بۇ مۇراسىملارنىڭ بىرىنچىسى ھەر قېتىمقىسىغا ئوخشاش، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئەركانلىرى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلدى. ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى، ئارمىيە قوماندانلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ مۇراسىمغا قاتناشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن، ھۆرمەتتە تۇردى، ئارقىدىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت مىساقى مىللىي مۇنارىغا ئۆتكەندىن كېيىن، شەرەپ دەپتىرىگە: «ئەزىز ئاتاتۈرك، مۇستەقىللىقىمىزغا بارغان يولنىڭ ئالتۇن ھالقىلىرىدىن بۈيۈك زەپەرنىڭ 99 يىللىقىدا، يەنە بىر قېتىم ھۇزۇرۇڭىزدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ تارىخىي كۈندە سىزنى ۋە ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى رەھمەت بىلەن ياد ئېتىمىز. تۈركىيەنى بىزگە بەلگىلەپ بەرگەن نىشانىڭىز بويىچە پارلاق كېلەچەككە يەتكۈزىمىز. مۇداپىئە سانائىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز بىلەن، خەلقىمىزنىڭ كۆز قارىچۇقى بولغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى ھەر ساھە بويىچە ئاشۇرۇۋاتىمىز. دېموكراتىيەدە، ئادالەتتە، ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىسلاھاتلار بىلەن، جۇمھۇرىيىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىمىز. ئامانىتىڭىز بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىخەتەر قوللاردا. روھىڭىز شاد بولسۇن» دەپ بېغىشلىما يازدى.

ئىستانبۇلدىمۇ زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، تاكسىم مەيدانىدىكى جۇمھۇرىيەت خاتىرە مۇنارى ئالدىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇنارغا، ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى، 1-ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى گۈلچەمبىرەك قويدى.

رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدىكى مۇراسىمدىن كېيىن، باش قوماندان سۈپىتىدە جۇمھۇر رەئىسىك سارىيىدا تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.

زەپەر بايرىمىنىڭ 99 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، پايتەخت ئەنقەرەدە رەسمىي پارات ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئالدىدىن باشلىنىدىغان پارات، كونا پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئاخرلىشىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر