سېنېگاللىق ئەسكەرلەر دىپلوملىرىنى ئالدى

سېنېگال پايتەختى داكاردىكى كاپ مانۇئېل گازارمىسىدا ئېچىلغان يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى تۈركچە ئۆگىتىش مەركىزى ئۈچىنچى قارار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى تارقاتتى.

1667330
سېنېگاللىق ئەسكەرلەر دىپلوملىرىنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاپ مانۇئېل گازارمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قارار تۈكچە ئۆگىنىش كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ داكاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەھمەت كاۋاس، تۈركىيەنىڭ داكاردا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى پولكوۋنىك لەۋەنت گۇلداغى، داكار يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى مۇدىرى مەرۋە ئىشىق ئەلسىقما، سېنېگال ھەربىي مەشىق شۆبىسى مۇدىرى پولكوۋنىك يەھيا دىئوپ ۋە ھەر قايسى تۈرك ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

باش ئەلچى كاۋاس سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئافرىقادا 43 ئەلچىخانىسىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ قىتئە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ھەمكارلىقلارنىڭ سودا ساھەسىدىلا ئەمەس، مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن كاۋاس، يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، دىپلوم ئالغان ئەسكەرلەرنى تەبرىكلىدى.

2020-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان 9 ئايلىق تۈركچە ئۆگىتىش كۇرسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان 25 ئەسكەر دىپلومىنى يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى ئىمران ئىپەكنىڭ قولىدىن ئالدى.

ئوقۇغۇچىلار ئىپەككە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ھەر خىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر