ھىندىستان دېلتا پلاس ۋارىيانتىنى «ئەندىشە ۋارىيانتى» دەپ ئاتىدى

ھىندىستان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ دېلتا پلاس ۋارىيانتىنى «ئەندىشە ۋارىيانتى» دەپ ئاتىغا بولسىمۇ، ئالىملار يېڭى ۋارىيانتنىڭ ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ-شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىش ئۈچۈن بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1664219
ھىندىستان دېلتا پلاس ۋارىيانتىنى «ئەندىشە ۋارىيانتى» دەپ ئاتىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ دېلتا پلاس ۋارىيانتىنى «ئەندىشە ۋارىيانتى» دەپ ئاتىغا بولسىمۇ، ئالىملار يېڭى ۋارىيانتنىڭ ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ-شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىش ئۈچۈن بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب ب س (BBC) نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى دېلتا پلاس ۋارىيانتىنىڭ باشقا ۋارىيانتلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاسان تارقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۆپكە ھۈجەيرىلىرىگە ئاسان يۇقىدىكەن ۋە ئانتىتېلا داۋالىنىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى يۇقىرى ئىكەن.

مەزكۇر ۋارىياتنىڭ ئاسان ۋە تېز يۇقىدىغان، يۇقۇملانغانلاردا ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولۇشى ۋە ئانتىتېلاغا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچىنىڭ يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە بىرسى ئىسپاتلانسا، «ئەندىشە ۋارىيانتى» دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق، بەزى ئالىملار مەزكۇر ۋارىيانتنىڭ باشقا ۋارىيانتلارغا قارىغاندا تارقىلىشچان ياكى يۇقۇملانغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە.

ۋىرۇس تەتقىقاتچىسى گاگاندېپ كاڭ (Gagandeep Kang) ھازىرچە يېڭى ۋارىيانت توغرىسىدىكى قاراشلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، يېڭى ۋارىيانتنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان تۈر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، بىيولوگىيەلىك ۋە كلىنكىلىق مەلۇماتلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم ئاپرېل ئېيىدا (2021) كۆرۈلگەن دېلتا پلاس ۋارىيانتىنىڭ ئۈچ ئىشتاتتا تەخمىنەن 40 كىشىدە بايقالغانلىقىنى ۋە مەزكۇر ۋارىيانتنىڭ يەنە توققۇز دۆلەتتە (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، پورتۇگالىيە، شىۋېيتسارىيە، ياپونىيە، پولشا، نېپال، رۇسىيە ۋە خىتاي) ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر