تىكا غەززەگە ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA)ئىسىرائىلىيەنىڭ 10-21-ماي كۈنلىرىدە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا ھۇجۇم قىلغاندا باشلىغان ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1663090
تىكا غەززەگە ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىكانىڭ غەززەدىكى ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھۇجۇم داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەردە ئۆي-ماكانلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى سەۋەبىدىن مەكتەپلەردە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان تەخمىنەن 50 مىڭ كىشىگە ئىسسىق يېمەك-ئىچمەك تارقىتىلغانلىقى، 1600 ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك بولاقلىرى، دىزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ۋە ھەر خىل دورا، تىببىي بۇيۇملارنىڭ تارقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مەكتەپلەردە پاناھلانغانلارغا تارقىتىلغان ئەدىياللاردىن باشقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان ئائىلىلەرگە كارۋات، ياستۇق، يېمەك-ئىچمەك ۋە دىزىنفېكسىيە تارقىتىشنىڭ باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بۇ ياردەملەردىن مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ پايدىلنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا 10-ماي باشلانغان ھۇجۇملار، 21-ماي تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر