بۇلغارىيە تۈركلىرىنىڭ جامائەت ئەربابى ئوسمان قىلىچ پايتەخت ئەنقەرەدە ۋاپات بولدى
بۇلغارىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ جامائەت ئەربابلىرىدىن ئوسمان قىلىچنىڭ ۋاپاتى بۇلغارىيەدىكى تۈركلەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا چوڭقۇر قايغۇ پەيدا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى- ي ت ب نىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن بۇلغارىيە تۈركلىرىنىڭ سىمۋوللۇق كىشىلىرىدىن بىرى، دىپلومات ۋە يازغۇچى ئوسمان قىلىچنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەزىيە زىيارىتىدە بولدى.
چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئابدۇللاھ ئەرەن تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بۇلغارىيە تۈركلىرىنىڭ 101 يىللىق چىنار دەرىخى، ياشلىقىنى تۈرك خەلقى ۋە ئىسلام ئۈچۈن كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ زىندانلىرىدا پېدا قىلغان دەۋا ئادىمى، شۇمنۇ تۈۋۋاب مەدرىسەسىنىڭ مۇددەرىسى ئوسمان قىلىچ تاغىمىز ۋاپات بولدى. روھى شاد، ماكانى جەننەت بولسۇن» دېگەن.
ئۇ مەرھۇم ئوسمان قىلىچنىڭ ھاياتىنىڭ كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن قەھرىمانلىق ھېكايلىرى بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئوسمان تاغىمىزغا بولغان ۋاپادارلىق قەرزىمىزنى ئازىراق بولسىمۇ تۆلىۋېلىش ئۈچۈن 100 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەپ بىر پىروگرامما قىلىپ، ‹تەقدىر قۇربانى› ناملىق كىتابىنى بۇلغارچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان ئىدۇق» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.