ناسا يەر شارىغا ئوخشايدىغان بىر پىلانېتانى بايقىدى
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا(NASA) كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر بايقاشنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسانىڭ «جېت پروپولشىن» (Jet Propulsion) تەجرىبىخانىسى ۋە يېڭى مېكسىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئالىملىرى «قىزىل پەتەك» دەپمۇ ئاتىلىدىغان M پەتەك يۇلتۇزىنىڭ ئوربېتاسىدا ئايلىنىدىغان «TOI-1231 b» تاشقى پىلانېتانى بايقىدى.
ناسا ئېنىق بولمىغان ئاتموسفېراسى بار پىلانېتانىڭ يەر شارىغا ئىنتايىن ئوخشايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئالىملار «TOI-1231 b» پىلانېتانىڭ رادىئوسى ۋە ماسسىسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ئاتموسفېرانىڭ نېمە ئۈچۈن پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم مەلۇماتلارغا ئېرىشتى.
ئاتموسفېراسى تەخمىنەن 57 گىرادۇس بولغان «TOI-1231 b» پىلانېتاسىدىكى زىچ بۇلۇتلار، پىلانېتادا سۇ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ناسانىڭ تەتقىقاتچىسى جېننىفېر بېرت (Jennifer Burt): «كېيىنكى كۆزىتىشلىرىمىز، بۇ ئىلمان پىلانېتالارنىڭ ئەتراپىدا سۇ بۇلۇتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ قانچىلىك ئومۇملاشقان ياكى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىزگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
«TOI-1231 b» پىلانېتاسىنىڭ غايەت زور ھىدروگېن ياكى ھىدروگېن-گېلىي ئاتموسفېراسىغا ۋە ياكى قويۇق سۇ ھورى ئاتموسفېراسىغا ئىگە بولۇش مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنماقتا.