ئاۋستىرالىيەلىك كرۇگېر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرلىرىنى چۈشەندۈردى

ئاۋستىرالىيەدىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم بولغان 111 ياشلىق دېكستېر كرۇگېر (Dexter Kruger) توخۇ مېڭىسى ئىستېمال قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1640697
ئاۋستىرالىيەلىك كرۇگېر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرلىرىنى چۈشەندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيەدىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم بولغان 111 ياشلىق دېكستېر كرۇگېر (Dexter Kruger) توخۇ مېڭىسى ئىستېمال قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دېكستېر كرۇگېرنىڭ 74 ياشلىق ئوغلى گرېگ (Greg) مۇ دادىسىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدە، شەھەردىن يىراق ھاياتىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دېكستېر كرۇگېر ھەر دائىم توخۇ مېڭىسىنى ئىستېمال قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دېكستېر كرۇگېر تۇرىدىغان ساناتورىيەنىڭ مۇدىرى مېلانى كالۋېرت (Melanie Calvert) نىڭ ئېيتىشىچە، كرۇگېر ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىۋاتقان بولۇپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يەنىلا ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.

كالۋېرت كرۇگېرنى ساناتورىيەدىكى باشقا كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ: «111 ياشلىق ئادەمگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئاجايىپ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر