گوللاندىيە ئالىملىرى ۋىرۇسقا قارشى ھەرە يېتىشتۈرۈشنى باشلىدى

گوللاندىيە ئالىملىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) نى بايقاش ئۈچۈن ھەرە يېتىشتۈرۈشكە باشلىدى.

1636130
گوللاندىيە ئالىملىرى ۋىرۇسقا قارشى ھەرە يېتىشتۈرۈشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە ۋاگېنىنگېن (Wageningen) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئالىملىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىنى بايقاشتا ھەرىلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن «پاۋلوۋنىڭ ئىتى» دەپ بىلىنىدىغان داڭلىق تەجرىبە مېتودىدىن پايدىلاندى.

يېتىشتۈرۈشتە، ھەرىلەرگە ئەۋرىشكىلەردىكى ۋىرۇسنى بايقىيالىسا شېكەر سۈيى بېرىلدى، بايقىيالمىسا بېرىلمىدى.

ئالىملار ھەرىلەرنىڭ بىر قانچە سېكۇنتتا ۋىرۇسلارنى بايقىيالىغانلىقىنى، بۇنىڭ مەۋجۇت مېتودلاردىكى ساقلاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر