گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان 16 تۈرك پادىشاھ ئوردېنىغا ئېرىشتى

گوللاندىيەدە 16 تۈرككە خالىس قىلغان پائالىيەتلىرى بىلەن جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن پادىشاھ ئوردېنى تەقدىم قىلىندى.

1630062
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان 16 تۈرك پادىشاھ ئوردېنىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەردىن ئايشە بويا، ئا.ئەردال، ج.سوفۇئوغلۇ، گ.بوزتاغ گۈزەل، فاتما لاچىن يىلماز، مەۋلۈت يىلماز، گ.دولۇ، ئەلىف ئاتەش، ز.چىمتاي، فاتما كىرىلماز، ك.كوركماز، ن.ئورال، ھ.ئى.سەچكىن، سەلاھاتتىن ئاسال، كەرەم ئالان ۋە سۈرەييا ئەردەم قاتارلىق كىشىلەرنىڭ پادىشاھ ئردېنىغا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

خەۋژېن (Huizen) شەھىرىدە ئردېن تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ كۆلەڭگىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

گوللاندىيە ۋەخپى جامەسىدە تەخمىنەن 25 يىلدىن بۇيان خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان سەلاھاتتىن ئاسال، مۇراسىمدا پادىشاھ ئوردېنىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى.

ئۇ خەۋژېن شەھەر باشلىقىنىڭ قولىدىن ئوردېننى تاپشۇرۇۋالدى.

گوللاندىيەدە پادىشاھ ۋىللەم ئالېكساندېر (Willem Alexander) نىڭ تۇغۇلغا كۈنى بولغان 27-ئاپرېل كۈنى «پادىشاھ كۈنى» تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا بايقالغان كىشىلەرگە شۇ ھەپتە ئىچىدە پادىشاھ ئوردېنى تەقدىم قىلىنىدۇ. سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە پادىشاھ ئوردېنى بۇ يىل (2021) ئوخشىمىغان شەھەرلەردىكى 2 مىڭ 832 كىشىگە بېرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 998 ئايال بار. بۈگۈنگىچە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان 150 دىن ئارتۇق تۈرك پادىشاھ ئوردېنىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر