بۇرسادا ياشاۋاتقان گېرمانىيە پۇقراسى رامىزاننىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولدى

بۇرسانىڭ مۇدانيا ناھىيەسىدە ياشاۋاتقان گېرمانىيە پۇقراسى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىختىزا (مۇسۇلمان بولۇش) مۇراسىمى بىلەن مۇسۇلمان بولدى.

1629348
بۇرسادا ياشاۋاتقان گېرمانىيە پۇقراسى رامىزاننىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇرسانىڭ خالىتپاشا مەھەللىسىدە تەخمىنەن بىر يىلدىن بۇيان ياشاۋاتقان ھانس ژۈرگېن ھېلمۇت ۋىللىڭ (Hans Jürgen Helmut Willing) رامىزان ئېيىنىڭ تەسىرىدە ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئىزدىنىپ مۇسۇلمان بولۇشنى قارار قىلدى.

ھانس ئۈچۈن مۇدانيا دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  تەدبىرلىرى ئاستىدا مۇسۇلمان بولۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا، مۇدانيا مۇپتىسى ئەرتۇغران مەھمەتسويلۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ رامىزان ئېيىدىن تەسىرلىنىپ ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئىزدىنىشنى باشلىغان ۋە ئاخىرىدا مۇسۇلمان بولغان ھانسنى تەبرىكلىدى.

ئۇ كەلىمە شاھادەت كەلتۈرۈپ «يۇسۇف» ئىسمىنى ئالغان ھانىسق،ا «مۇسۇلمان بولغانلىق گۇۋاھنامىسى»، قۇرئان كەرىمنىڭ نېمىسچە تەرجىمىسى ۋە تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى نەشر قىلىپ تارقاتقان ھەر خىل كىتابلارنى ھەدىيە قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر