93-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

كىنو-فىلىم دۇنياسىنىڭ ئەڭ داڭلىق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان ئوسكار مۇكاپاتلىرى لوس-ئانژېلىس شەھىرىدە تارقىتىلدى.

1628417
93-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ لوس-ئانژېلىس شەھىرىدىكى دولبى (Dolby) تىياتىرىدا ئوسكار مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا، «نومادلەند» فىلىمى، ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا، «نومادلەند» فىلىمىنىڭ رېژىسسورى خىتاي مىللىتىدىن بولغان چلو جاۋ ئېرىشتى.

چلو جاۋ 93-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتلىرى ئەنئەنىسىدە «ئەڭ ياخشى رېژىسسور» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككىنچى ئايال رېژىسسور بولۇپ قالدى.

چلو جاۋ مۇراسىمدا: «بۇ مۇكاپاتنى قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆڭلىدىكى ياخشىلىقنى ۋە بىر-بىرىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت ھەمدە ئىشەنچكە ئىگە بولغانلار ئۈچۈن ئالدىم» دېدى.

«نومادلەند» فىلىمىدە رول ئالغان فىرانسىس ماك دورماند (Frances McDormand) «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا، «ئاتا» فىلىمىدە باش رول ئالغان ئانتونى خوپكىنس (Anthony Hopkins) «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مىنارى فىلىمىدە رول ئالغان يۇ جۇڭيون «ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا، «يەھۇدا ۋە قارا مەسىھ» فىلىمىدە رول ئالغان دانىيال كالۇيا (Daniel Kaluuya) «ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

دانىيەنىڭ «Another Round» فىلىمى، ئەڭ ياخشى خەلقئارالىق فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر