ت ر ت 23 - ئاپرېل بالىلار بايرىمىغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلدى

تۈركىيە رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى - ت ر ت، 23- ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىنى بۇ يىل ئۆيلىرىدە تەبرىكلەيدىغان بالىلارئۈچۈن بىر قاتار ھەيران قالارلىق مەخسۇس پىروگراممىلارنى تەييارلىدى.

1626579
ت ر ت 23 - ئاپرېل بالىلار بايرىمىغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالىلارغا ئاتاپ تەييارلانغان «بۈگۈن 23 - ئاپرېل» مەخسۇس تارقىتىش ئەتە (23 - ئاپرېل) تۈركىيە ۋاقتى سائەت 14:30 دا TRT 1 قانىلىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقى قارمىقىدىكى نومۇر كۆرسىتىش ئەترىتى، تۈرك چولپانلىرى ۋە سولوتۈرك ئۇچقۇچىلىرى بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان نومۇرلىرى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەخسۇس پىروگرامما، 23 - ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىدا تۈركىيە ۋاقتى سائەت 14:20 مىنۇت ئۆتكەندە تۇنجى قېتىم TRT Çokuk قانىلىدا تارقىتىلىدۇ.

بالىلارنى نىشان قىلغان ھالدا بارلىق مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇنۇلىدىغان «كىچىك تالانت ئىگىسى موزارت» كونسېرتى ئەتە سائەت 19:00 دا TRT 2 قانىلىدا بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ.

TRT Music قانىلىمۇ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىككى كونسېرتنى تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدۇ. ئەنقەرە رادىيوسى بالىلار ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئالاھىدە 23 - ئاپرېل ئالاھىدە كونسېرتى سائەت 13:30 دا؛ 1500 بالا جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سىمفونىيە ئوركېستىرى بىلەن بىرلىكتە ئورۇندىغان 23 - ئاپرېل ئالاھىدە كونسېرتى 18:15 دە مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

TRT Haber مۇ 23 - ئاپرېل بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن  تۈركىيە ۋاقتى سائەت 09:00 دىن 11:00 گىچە مەخسۇس تارقىتىش بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا داھىي ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى جايلاشقان ئانىتقابىردىن كۈن بويى بىۋاسىتە تارقىتىشلار بېرىلىدۇ.

TRT نىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىغا تارقىتىش بېرىدىغان بارلىق ردىيولىرى بۇ يىلمۇ 23 - ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر