ۋۇخەن ۋىرۇسىنى بەش مىنۇتتا ئېنىقلىغىلى بولىدىغان ئۇسۇل ئىجاد قىلىندى

ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نى بەش مىنۇتتا بايقاش تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى.

1624758
ۋۇخەن ۋىرۇسىنى بەش مىنۇتتا ئېنىقلىغىلى بولىدىغان ئۇسۇل ئىجاد قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ن ھ ك (NHK) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رىكېن (RIKEN) تەتقىقات ئىنىستىتۇتى بىلەن توكيو ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىنى بايقايدىغان يېڭى ئۇسۇلنى تاپقان.

يېڭى ئۇسۇلدا، سىناقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەر ھەر كۋادرات سانتىمېتىردا بىر مىليون ئىنچىكە بەلگە قويۇلغان ئەينەك ۋاراققا قويۇلدىكەن.

مىكروسكوپ شەكىللەندۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن ياسالغان ئەينەك تاختاي، ھەر بىرىدە ئايرىش ماشىنىسى بار مىكرو سىناق ئۆيى رولىنى ئوينايدىكەن.

ئەگەر ئۇنىڭغا قويۇلغان ئەۋرىشكىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تەۋە رىبونۇكلېئىك كىسلاتا (RNA) بارلىقى بايقالسا، ئۇ سىناق ئۆيىدىن نۇر تارقىلىدىكەن.

بۇ ئۇسۇلنىڭ كەم دېگەندە بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىغان ئەنئەنىۋى ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىغا ئوخشىمايدىغانلىقى ۋە مىكرو ئۆيلەر ئارقىلىق 5 مىنۇت ئىچىدە ئاز مىقداردىكى ۋىرۇسلارنى بايقىغىلى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

رىكېن ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتچىلىرىدىن رىكىيا ۋاتانابې ئاددىي ۋە تېز تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئۇسۇلنىڭ مۇرەككەپ جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى، سودىغا ئايلاندۇرۇلغىنىدا سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ پايدىلىنالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر