ناسا بۈگۈن مارستا تىك ئۇچار ئۇچۇرىدۇ

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) مارسقا ئەۋەتكەن «ماھارەت» تىك ئۇچارىنى بۈگۈن (2021-يىلى 19-ئاپرېل) ئۇچۇرۇشنى سىناق قىلىدۇ.

1624201
ناسا بۈگۈن مارستا تىك ئۇچار ئۇچۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) مارسقا ئەۋەتكەن «ماھارەت» تىك ئۇچارىنى بۈگۈن (2021-يىلى 19-ئاپرېل) ئۇچۇرۇشنى سىناق قىلىدۇ.

ب ب س نىڭ تۈركچە خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، «ماھارەت» تىك ئۇچارىنى سىناق قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، باشقا پلانېتادا ئەمەلگە ئاشقان تۇنجى قېتىملىق كونتروللۇق ئاستىدىكى ئۇچۇش ھېسابلىنىدىكەن.

تىك ئۇچارنى 11-ئاپرېلدا سىناق قىلىش پىلان قىلىنغان بولۇپ، يۇمتال خاتالىقى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. دەسلەپكى سىناقتا تىك ئۇچارنىڭ يەردىن ئۈچ مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلۈشى ۋە 30 سېكۇنت ئۇچقاندىن كېيىن قونۇشى پىلان قىلىندى.

تىك ئۇچارنى ئۇچۇرۇشنىڭ مەقسىتىنىڭ، بۇ تېخنولوگىيەنىڭ باشقا پىلانېتادىمۇ ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر