«ماۋەرا› تېلېۋىزىيە تىياتىرى» قازاقىستاندا تارقىتىلىدۇ

دۇنياغا ئېچىلغان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا يەنە بىرى ئىلاۋە قىلىندى.

1624260
«ماۋەرا› تېلېۋىزىيە تىياتىرى» قازاقىستاندا تارقىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ۋە خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان، ھەمدە رامىزان ئېيى بويىچە قازاقىستاننىڭ مىللىي قانىلى « QAZAQSTAN TV» دە تارقىتىلىدىغان  «ماۋەرا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا، خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ھاياتىنىڭ بىلىنمەيدىغان تەرەپلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

«ماۋەرا» ئىبارىسى، «مەۋجۇت دۇنيانىڭ كۆرۈنمەيدىغان تەرەپلىرى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.

«ماۋەرا› تېلېۋىزىيە تىياتىرى»  دا، تارىختىكى دەسلەپكى ئالپەرەنلەرنىڭ ھېكايىسى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

يۈسۈف ھەمەدانى تەرىپىدىن باغدادقا ئەۋەتىلگەن خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ باغدادتا ئىشقا ئاشۇرغان ئويغىنىش ۋە باراۋەرلىك كۈرىشى مەزمۇن قىلىنغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ رېژىسسورلۇقىنى دوغان ئۈمىت قاراجا ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا.

«ماۋەرا› تېلېۋىزىيە تىياتىرى»  نىڭ ئارتىسلىرى بولسا، كورەل جەزايىرلى، گۆركەم سەۋىندىك، تانسەل ئۆنگەل ۋە سىنان تۇزجۇ قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر