ت ر ت نىڭ «ماۋەرا› تېلېۋىزىيە تىياتىرى» قازاقىستاندا تارقىتىلىدۇ

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ۋە خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان «ماۋەرا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قازاقىستاننىڭ مىللىي قانىلى « QAZAQSTAN TV» دە تارقىتىلىدۇ.

1622782
ت ر ت نىڭ «ماۋەرا› تېلېۋىزىيە تىياتىرى» قازاقىستاندا تارقىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 19 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن تارقىتىلىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا، خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ھاياتىنىڭ بىلىنمەيدىغان تەرەپلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

«ماۋەرا› تېلېۋىزىيە تىياتىرى» نىڭ پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، قازاقىستاندىمۇ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشى كۈتۈلمەكتە.

«ماۋەرا› تېلېۋىزىيە تىياتىرى»  نىڭ قازاقىستاندا تارقىتىلىش قارارى،  قازاقىستان ئۇچۇر ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئەيدا بالايېۋانىڭ،  5-6-ئاپرېل كۈنلىرى تۈركىيەگە قىلغان خىزمەت زىيارىتى ئەسناسىدا، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) نىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ۋە باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەم بىلەن كۆرۈشكەندە چىقىرىلدى.

تېلېۋىزىيە تىياتىرى ت ر ت تەرىپىدىن يېڭىچە ئۇسلۇبتا ئىشلەندى.

«ماۋەرا» ئىبارىسى، «مەۋجۇت دۇنيانىڭ كۆرۈنمەيدىغان تەرەپلىرى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر