ئىسپانىيە كوماندىسى كاپادوكيانى تونۇشتۇردى

ئىسپانىيە بىرىنچى پۇتبول بىرلەشمىسى (لا لىگا) كاپادوكيانى تونۇشتۇردى.

1617490
ئىسپانىيە كوماندىسى كاپادوكيانى تونۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لا لىگانىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە، رېئال مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا 10 – ئاپرېل شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەلكاسىكو مۇسابىقىسى ھارپىسىدا، كاپادوكيا تونۇشتۇرۇلغان بىر ۋىدېئو ئېلان قىلىندى.

ۋىدېئودا، تۈركىيەنىڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان كاپادوكيادا ئىسسىق ھاۋا شارىنىڭ ئۈستىدە، تارىخىي پەرىباجالارى مەنزىرىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا رېئال مادرىد ۋە بارسېلونا كوماندىلىرىنىڭ بايراقلىرى لەپىلدىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر