28 مىڭ يىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان باتارىيە ياسالدى

ئامېرىكانىڭ بىر باتارىيە شىركىتى ئالماس ۋە يادرو ئېشىندىلىرىدىن ياسالغان ۋە توك قاچىلىماستىن 28 مىڭ يىلغىچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان باتارىيەنى تونۇشتۇردى.

1614915
28 مىڭ يىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان باتارىيە ياسالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي كالىفورنىيەگە جايلاشقان «نانو ئالماس باتارىيە شىركىتى» (Nano Diamond Battery)، ئالماس ۋە يادرو ئېشىندىلىرىدىن پايدىلىنىپ 28 مىڭ يىلغىچە توك قاچىلىماي ئىشلەتكىلى بولىدىغان باتارىيە ئىشلەپچىقاردى.

مەزكۇر باتارىيەنىڭ ئالەم تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ئۈمىد ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باتارىيەنىڭ ئېنېرگىيەنى يادرو ئېشىندىلىرىدىن، بولۇپمۇ قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان رادىياكتىپ ئىزوتوپلاردىن ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىزوتوپلار تەرىپىدىن تارقالغان ئېنېرگىيەنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن، باتارىيەنىڭ نانو ئالماس بىلەن قاپلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىزوتوپلارنىڭ مىڭلارچە يىللىق ئۆمرىنىڭ بولۇشى ۋە ئالماسلارمۇ ناھايىتى ياخشى ئىسسىقلىق ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن، باتارىيەگە توك قاچىلاشقا كېرەك قالمايدىكەن.

نانو ئالماس باتارىيە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دوكتور نىما گولشارىفى (Nima Golsharifi)، باتارىيەنى يۈزلەرچە يىل ئىشلەتكىلى بولۇشتىن سىرت، يادرو ئېشىندىلىرىنى ياخشى نەرسىگە ئايلاندۇرۇشتەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يانفون ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملار ئۈچۈن توققۇز يىل يېتىدىغان يەنە بىر خىل ئالماس باتارىيە ياسىغانلىقلىرىنى ۋە 2023-يىلىغىچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان سەۋىيەگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باتارىيەنىڭ تەننەرخىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

سېنتېتىك ئالماس ۋە يادرو ئېشىندىلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئەرزانغا توختمايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر