ۋۇخەن ۋىرۇسى دۇنيادا ئۆلۈم تۇغۇت ۋە ئانىلارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋەتكەن

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەزگىلىدە دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈك تۇغۇت ۋە ئانىلارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر ھەسسە ئاشتى.

1613444
ۋۇخەن ۋىرۇسى دۇنيادا ئۆلۈم تۇغۇت ۋە ئانىلارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: انسېت يەر شارى ساغلاملىقى ژۇرنىلى (The Lancet Global Health) دا ئېلان قىلىنغان 17 دۆلەتتىكى 40 تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن تەييارلانغان دوكلاتتا، سىرتقا چىقىش چەكلىمىلىرى، تۇغۇت خىزمەتلىرىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ۋە ساقلىق ساقلاش مەركەزلىرىگە بارماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھامىلدارلىققا مۇناسىۋەتلىك خەتەرلەرنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ۋابا مەزگىلىدە دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈك تۇغۇت ۋە ئانىلارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر ھەسسە ئاشقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ھامىلدار ئاياللار ۋە يېڭى ئانىلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى سالامەتلىكىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، ۋابا مەزگىلىدە تۇغۇتتىن كېيىن، چۈشكۈنلۈك، كۆپ قايغۇرۇش قاتارلىق روھىي ئالامەتلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

لوندوندىكى سائىنت جورج (St George) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پىروفېسسورى ئاسما خالىل: «ۋۇخەن ۋىرۇسى ساقلىق سىستېمىلىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ۋابا بولۇپمۇ تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەردە ھەم ئانىلارنىڭ ھەمدە بوۋاقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئۆلۈملىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر