كەلگۈسىدىكى مارس يولۇچىسى ت ر ت چوجۇك قانىلىنىڭ مېھمىنى بولدى

كەلگۈسىدىكى مارس يولۇچىسى ئېلىسسا كارسون (Alyssa Carson) ت ر ت چوجۇك (TRT Çocuk) قانىلىنىڭ «خەۋىرىڭ بولسۇن» (Haberin Olsun) پىروگراممىسىغا قاتناشتى.

1608555
كەلگۈسىدىكى مارس يولۇچىسى ت ر ت چوجۇك قانىلىنىڭ مېھمىنى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت كەلگۈسىدىكى مارس يولۇچىسىنىڭ زىيارەت قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ت ر ت نىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر بالىلار خەۋەر پىروگراممىسى ھېسابلىنىدىغان «خەۋىرىڭ بولسۇن» پىروگراممىسىدا، ئامېرىكا ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسى-ناسا (NASA) مارسقا چىقىرىش ئۈچۈن تەربىيەلەۋاتقان ئېلىسسا كارسون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن.

ئامېرىكادا تۇرۇپ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ياش ئۇچقۇچى ئالەم ساھەسىدىكى تەرەققىياتلاردىن ئۇچۇر بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇ 17 يېشىدا ئۇچقۇچى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلىگەن يولدا ئارزۇلىرىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ بالىلىق مەزگىلىدىن تارتىپ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ، بىر كۈنى مارسقا قەدەم بېسىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەدىكى ئالەمگە قىزىقىدىغان بالىلارغا ياخشى تەكلىپلەرنى بەردى.

ئۇ پىروگرامما كۆرگۈچىلەرنىڭ سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر