فايزېر يۇقۇمنىڭ دورىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تەستىقلانغان تۇنجى ۋاكسىنانىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى فايزېر (Pfizer) دىن كىشىنى ھاياجايلاندۇرىدىغان خۇش خەۋەر كەلدى.

1607560
فايزېر يۇقۇمنىڭ دورىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فايزېر شىركىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى بېمارلىرىغا بېرىلىدىغان دورا ياساش ئۈچۈن ئامېرىكادا كىلىنكىلىق سىناقلارنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فايزېر شىركىتى بىرىنچى قېتىملىق تەجرىبە سىناقلىرىدا تەسىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرىلەردە كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان دورىنىڭ، «HIV» ۋە «Hepatit C» قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

فايزېر شىركىتى يەنە، دەسلەپكى باسقۇچتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى بېمارلىرىنى داۋالاشتا پايدىلىنىدىغان ئىككىنچى دورا ئۈستدىمۇ تەتقىقات قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فايزېر يەر شارى تەتقىقات تەرەققىيات ۋە داۋالاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مىكائېل دولستېن (Mikael Dolsten)، دورىنى بېمارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشى ياكى جىددىي قۇتقۇزۇشتا داۋالىنىشىغا كېرەك بولماستىن ​يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر